ئەردوغان كوجائەلىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا سېلىپ بېرىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئۇلىنى تېز سۈرئەتتە سالغانلىقىنى، تۈنۈگۈن (16-ئاپرېل) دىن باشلاپ قۇرۇلۇش باشلانغان ئۆي ۋە يېزا ئۆيلىرى سانىنىڭ 100 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1975649
ئەردوغان كوجائەلىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى
erdogan kocaeli iftar.jpg
erdogan kocaeli iftar.jpg
erdogan kocaeli iftar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كوجائەلى قۇرۇلتاي مەركىزىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

ئۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ، ئىپتارغا قاتناشقانلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى شۇنداقلا قەلب رىشتىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان بۇ يىل (2023) رامىزاننى بولۇپمۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە ئالاھىدە  ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز تېزلىكتە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن سېلىنىدىغان تۇرالغۇلىرىمىزنىڭ ئۇلىنى سېلىۋاتىمىز. تۈنۈگۈندىن بۇيان قۇرۇلۇشى باشلانغان تۇرالغۇ ۋە يېزا ئۆيلىرىنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتتى. ھېيتتىمۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز. قۇرۇلۇشى تاماملانغان بىر قىسىم كەنت ئۆيلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىمىز. ئاپەتتە ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن، تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە مۇقىم تۇرمۇش تەرتىپى بۇزۇلغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئەسەرلەرنى كۆرگەنسېرى ھاياتىنى قايتىدىن باشلاش جاسارىتىگە كەلمەكتە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر