ئەردوغان مىرزىيايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1974135
ئەردوغان مىرزىيايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، توگگ (Togg) ماشىنىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېۋغا «خەيرلىك بولسۇن» تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەن.

ئەردوغان تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پۈتۈن ھالەتتە تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىلارغا يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنىڭ بۇ تونۇشنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېۋ بولسا، تۈركىيەنىڭ يەرلىك توكلۇق ئاپتوموبىلى توگگنى ھەدىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاش سانائەت ساھەسىدىمۇ بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مىرزىيايېۋ، توگگنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر