چاۋۇشئوغلۇ كوخېن بىلەن تېلېفونلىشىپ مەسجىدى ئەقساغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەلىك مەنسەپدىشى ئېلى كوخېن بىلەن تېلېفونلاشتى.

1974156
چاۋۇشئوغلۇ كوخېن بىلەن تېلېفونلىشىپ مەسجىدى ئەقساغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوخېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، مەسجىدى ئەقسادا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇسۇلمانلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە يول قويماسلىق توغرىسىدىكى قارارىنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش نۇقتىسىدىن ئىجابىي ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مەسجىدى ئەقسادا قۇتراتقۇلۇقلارنىڭ تەكرارلانماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مەسجىدى ئەقسادىكى مۇسۇلمانلارغا ئاۋاز بومبىسى، كاۋچۇك بىلەن قاپلانغان ئوق ۋە كالتەكلەر بىلەن مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىپ، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەن ۋە نارازىلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

4-ئاپرېل ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمى بىلەن باشلىنىپ كەتكەن رايوندىكى جىددىيچىلىك، 7-ئاپرېل جۈمە كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئەۋجىگە چىققان، ۋەقەدىن كېيىن غەززەدىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە قارىتىپ راكېتامىيوتلار ئېتىلغانىدى.

4- ئاينىڭ 11- كۈنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمىنى رامىزاننىڭ ئاخىرىغىچە توختىتىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر