ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئىككى يېڭى مېترو لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ تۆمۈر يول سىستېمىسى لىنىيەسىنىڭ 324 يېرىم كىلومېتىرغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا باشاقشىھىر- چام ۋە ساكۇرا شەھەر دوختۇرخانىسى- كاياشىھىر ئوتتۇرىسىدىكى مېترو لىنىيىسەنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى.
ئەردوغان ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقىدا، ئۇزۇنلۇقى 6.2 كىلومېتىر كېلىدىغان مېترو لىنىيەسى ئارقىلىق شەھەر مەركىزى بىلەن چام ۋە ساكۇرا شەھەر دوختۇرخانىسى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشنىڭ تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ تېجەشلىك ۋە بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىستانبۇلنىڭ تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ 324 يېرىم كىلومېتىرغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، قۇرۇلىشى داۋاملىشىۋاتقان لەيىھەلەر تاماملانغاندىن كېيىن بۇ ساننىڭ 380 كىلومېتىردىن ئاشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.