سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1970262
سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «<قەيەردە تېررورچى بولسا، زەربە بېرىش نىشانىمىز شۇ يەر بولىدۇ> دېگەن شوئار بىلەن تېررورچىلارنى خائىنلارچە ئارزۇلىرىغا يەتكۈزمەستىن بىر تەرەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. قەھرىمان ئارمىيەمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر