تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى  45 مىڭ 89 غا يەتتى

6 - فېۋرالدا قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى  45 مىڭ 89 كىشىگە يەتتى.

1953005
تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى  45 مىڭ 89 غا يەتتى

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تەۋرەش مەركىزى قاھرامانماراش بولغان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن 11 مىڭ 20 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. قاھرامانماراش، غازىئانتەپ، شانلىئۇرفا، دىيارباكىر، ئادانا، ئادىيامان، ئوسمانىيە، ھاتاي، كىلىس، مالاتيا ۋە ئەلازىغ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە جەمئىي 45 مىڭ 89 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

رايوندا ھازىرمۇ تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، ساقچى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتى (PAK)، ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش باتالىيونى قوماندانلىق مەركىزى (JAK)، ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئالاھىدە قوماندانلىق مەركىزى (JÖAK)، دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى، تەبىئىي ئاپەت ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش باتالىيونى (DAK)، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان 6368 نەپەر ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش كەسپىي خادىملىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يەر تەۋرەش رايونىدا تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، ساقچى ئىدارىسى، ژاندارما، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تېببىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى (UMKE)، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىل ئەترىتى، يەرلىك بىخەتەرلىك ئەترىتى، يەرلىك قوللاش ئەترىتى، پىدائىيلار ۋە نەق مەيداندىكى خادىملاردىن تەشكىل تاپقان 234 مىڭ 636 كىشى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

ئاپەت رايونىدا  قېزىش ماشىنىسى، سۆرەش ماشىنىسى، كىران، سۇ چىقىرىش ماشىنىسى، يۈك ئاپتوموبىلى، دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى، ۋاكۇئۇملۇق يۈك ماشىنىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىدىن تەركىپ تاپقان، جەمئىىي 18 مىڭ 40 ئاپتوموبىل خىزمەت قىلماقتا.  

رايونغا خادىملارنى ۋە ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ھاۋا كۆۋرۈكى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابى، ژاندارما باش قوماندانلىق ئىشتابى، سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئورمانچىلىق ئىدارىسىغا تەۋە 116 تىك ئۇچار ۋە  76 ئايروپىلان بۈگۈنگە قەدەر 13999 قېتىم ۋەزىپە  ئۆتىدى.

بۇ جەرياندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن 38 پاراخوت ۋەزىپە ئۆتىدى.

يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا، مىنىستىرلىقلار، ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلاردىن باشقا يەنە، ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن 358 مىڭ 37 چېدىر ئورنىتىلدى.

11 ۋىلايەت ۋە 332 نۇقتىدا كونتېينېر شەھەرلىرى قۇرۇلۇدى، 10 ۋىلايەت ۋە 162 نۇقتىدا كونتېينېر شەھەر قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر