ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
1951369
![ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2361/4d6a/7a54/61f278a74490d.jpg?time=1719034852)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيەدە يۈز بەرگە يەر تەۋرەشلەر بىلەن بىرىنچى يىلىنى ئارقىدا قالدۇرغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دائىر مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن نامايان قىلغان ھەمكارلىق روھى ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پىرېزىدېنتى پۇتىنغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.
رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ تالاپەتكە ئۇچراپ، تېخىمۇ كۆپ جاينىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بۇرۇن ئادىل تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى خىزمەتلەرنى ھەر جەھەتتىن قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.
ئەردوغان يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە يېقىندىن ھەمدەم بولغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىيغا رەھمەت ئېيتقانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719034852)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.