جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئوسمانىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

1949398
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6 – فېۋرال (2023) يۈز بەرگەن ۋە «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان، تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن مەركىزى قاھرامانماراش بولغان 7.7، 7.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئوسمانىيەگە قاارپ يولغا چىقتى.

ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىققان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلىمۇ ھەمراھ بولماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئوسمانىيەدىن كېيىن غازىئانتەپ ۋىلايىتىنىڭ نۇرداغى ۋە ئىسلاھىيە ناھىيەلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ، ھەمدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن (20-فېۋرال) ھاتاي ۋە قاھرامانماراش ۋىلايەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر