تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن گۋىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى ۋە بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1927438
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز بېن-گۋىرنىڭ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقسادىكى ئادەمنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ قۇتراتقۇلىقىنى ئەيىبلەيمىز» دېدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە قۇددۇستىكى دىنىي ئورۇنلانىڭ سالاھىيىتى ۋە مۇقەددەسلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ۋە رايوندا داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغان بۇ خىل قۇتراتقۇلۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى.

قۇتراتقۇلۇقلىرى بىلەن تونۇلغان بېن گۋىر بۈگۈن سەھەردە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا كىرگەنىدى.

بېن گۋىر بەش يىلدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ مەسجىدى ئەقساغا كىرگەن ئىسرائىلىيە ۋەزىرى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر