فىرانسىيە باش ئەلچىسى مىنىستىرلىققا چاقىرتىلدى

فىرانسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھېرۋې ماگرو تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1924134
فىرانسىيە باش ئەلچىسى مىنىستىرلىققا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھېرۋې ماگرو تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىپ، فىرانسىيە كوچىلىرىدا تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتتىن ھېس قىلىنغان بىئاراملىق ۋە ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ماگرو فىرانسىيەدىكى نامايىشلاردا تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتتىن ھېس قىلىنغان بىئاراملىقنىڭ ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى تاشلىنىشى ئۈمىد قىلىنىۋاتقان قەدەملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان.

مىنىستىرلىققا چاقىرىلغان ماگروغا، 23 – دېكابىردا (2022) بىر فىرانسۇزنىڭ سادىر قىلغان ھۇجۇمىنى باھانە قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك/ پ ي د/ ي پ گ تەرەپدارلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى قوزغىغان قارىلاش تەشۋىقاتى ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ بۇ تەشۋىقاتقا ۋاسىتە بولۇپ بېرىشىدىن ھېس قىلىنغان بىئاراملىق يەتكۈزۈلگەن ھەمدە تۈركىيەنىڭ نارازىلىقى تەكىتلەنگەن.

مەنبەلەر، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىنمۇ فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پارىژدا ئېلىپ بارغان مەزكۇر زوراۋانلىقلىرىنىڭ فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئاممىسى تەرىپىدىن توغرا تەھلىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنىڭ تەكىتلەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەنبەلەر، فىرانسىيەنىڭ بۇ ۋەقەگە ئاقىلانىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يوشۇرۇن كۈنتەرتىپىنى ئالغا سىلجىتىشىغا يول قويماسلىقىنىڭ ئۈمىد قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر