سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1922442
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا غەلىبىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە كوماندىر جەڭچىلىرىنىڭ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىشقا ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئارمىيەسى 2016 – يىلى 24 – ئاۋغۇستتىن 2017 – يىلى 29 – مارتقىچە بولغان جەرياندا فىرات قالقىنى ۋە 2018 – يىلى 20 – يانۋاردىن 24 – مارتقىچە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر