ئوقتاي «قانلىق روژدېستۋا بايرىمى» شېھىتلىرىنى ياد ئەتتى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوقتاي قىبرىستا رۇم تېررورلۇق تەشكىلاتى EOKA تەرىپىدىن 1963-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى باشلىتىلغان «قانلىق روژدېستۋا بايرىمى» دەپ ئاتالغان قىرغىنچىلىقتا شېھىت بولغان قىبرىس تۈركلىرىنى خاتىرىلىدى.
1921999
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوقتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قىبرىستا رۇم تېررورلۇق تەشكىلاتى EOKA نىڭ قىبرىس تۈركلىرىگە <قانلىق روژدېستۋا بايرىمى> دەپ ئاتالغان ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگىنىگە 59 يىل بولدى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈرىكىمىزنى ئېزىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ قىرغىنچىلىقتا شېھىت بولغان 364 قېرىندىشىمىزنى مىننەت تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمىز. ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.