ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى 10 دۆلىتىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان ئالدىنقى 10 دۆلىتىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېدى.

1903743
ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى 10 دۆلىتىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز
erdoğan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىن «ھاسانكەيف – گەرجۈش تونېلى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلدى؛ ئۇ سۆزىدە، «دۆلىتىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېيىتىپ، زورايتىپ، دۇىيانىڭ ئەڭ تەرەققىي تاپقان ئالدىنقى 10 دۆلىتىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. 2023 – يىلى <تۈركىيە ئەسىرى> ئەھدىمىزنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا ئىگە قىلىمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيەنى يەر شارىۋى كىرىزىستىن تارتىپ چىقىرىپ، نىشانلىرىغا قاراپ ئالغا سىلجىتىش تىرىشچانلىقىمىزنىڭ كونكېرت نەتىجىلىرىنى يېڭى يىلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر