ئەردوغان ئېمبالو بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىۋىنىيە پىرېزىدېنتى بىسساۋ ئۇمارو سىسكوكو ئېمبالو بىلەن تېلېفونلاشتى.

1900459
ئەردوغان ئېمبالو بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىۋىنىيە پىرېزىدېنتى بىسساۋ ئۇمارو سىسكوكو ئېمبالو بىلەن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە-گىۋىنىيە-بىسساۋ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش قەدەملىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن گىۋىنىيە پىرېزىدېنتى ئېمبالو، ھەربىي ۋە مۇداپىئە سانائىتى ھەمدە سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيە مائارىپ فوندىنىڭ گىۋىنىيە-بىسساۋغا سېلىشنى پىلانلاۋاتقان مەكتىپى ئۈچۈن يەر ئاجرىتىپ بېرىلگەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان گىۋىنىيە بىسساۋ پىرېزىدېنتى ئېمبالونىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر