تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئەسەنتەپە چېگرا مۇداپىئە پونكىتىغا قىلغان مىنامىيۇت ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى.
![تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/ac8d/3ac4/7db8/5e82f6cbd1776.jpg?time=1719063575)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفا ۋالىيلىق مەھكىمىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «سۇرۇچتىكى چېگرا مۇداپىئە پونكىتىمىزغا قىلىنغان خائىنلارچە ھۇجۇم نەتىجىسىدە بىر قەھرىمان ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى، بىر ئەسكىرىمىز يارىلاندى» دېدى.
يارىلانغان ئەسكەرنىڭ رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلۇپ دوختۇرخانىدا بالىنىستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
چېگرا رايونىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى زەمبىرەكچى قىسىملىرى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم قوزغىغان جايلىرىنى ھەر خىل تىپتىكى قوراللارنى ئىشلىتىپ ئوققا تۇتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، توپقا تۇتۇلغان جايدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا 12 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719063575)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.