ئەردوغان ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.

1876659
ئەردوغان ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى
izetbegoviç anma.jpg
erdogan bosna hersek.jpg
ERDOGAN BOSNA HERSEK.jpg
bosna hersek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت سارايېۋودىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە بىر يۈرۈش پروگراممىلارغا قاتناشتى. ئاندىن كوۋاچى شېھىتگاھلىقىغا باردى. شېھىتگاھلىقتا نامسىز ئەسكەرلەر ئابىدىسىگە گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئەردوغان ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ بولۇپ، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە-بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا سودا-سانائەتچىلەر مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 - يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ھەممىلا ساھەدە مۇكەممەل سەۋىيەدە كېتىپ بارغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم تۈۋرۈكىنى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ھەردائىم ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى سىياسىتىمىز ئەزەلدىن سەمىمىي، ئوبيېكتىپ، ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرغۇچى خاراكتېرلىك بولۇپ كەلدى. ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىكتە ياشاش كېرەك بولغان بۇ رايوندا، مىللىي ۋە دىنىي بۆلۈنۈشلەر، ئازاب ۋە كۆز ياشلىرىدىن باشقا ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ. توقۇنۇش ۋە يىرىكچىلىكنىڭ ھېچقايسى تەرەپكە پايدا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەردە ئوچۇق كۆردۇق. سايلامدىن ئىلگىرىكى جەرياندا ئايرىمچىلىق سۆزلىرىدىن يىراق تۇرۇلۇشى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ۋە ئىچكى تىنچلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ۋە ئوچۇق ھالدا تەكىتلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر