تۈركىيە كابۇلدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە تۈنۈگۈن ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
![تۈركىيە كابۇلدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/17f0/42d3/17e5/5e803b51f411e.jpg?time=1718989943)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئەلچىخانا ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق» دېيىلدى.
باياناتتا، مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمى قاتتىق ئەيىبلىنىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە ۋە ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۇلدى ھەمدە يارىدارلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تېلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.
كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى خالىد زادران ئادەم بومبا خاراكتېرلىك ھۇجۇم نەتىجىسىدە، 4 ئافغانىستان پۇقراسى ۋە 2 نەپەر رۇسىيەلىك ئەلچىخانا خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يەنە نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718989944)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.