ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1875388
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، ئاشلىق ئېكىسپورتى ۋە ئۇكرائىنادىى زاپورىجيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا دائىر ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پىرېزىدېنتى مىخائىل گورباچوۋنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاشلىق كېلىشىمىدە بولغىنىدەك، زاپورىجيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى مەسىلىسىدىمۇ تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن قولايلاشتۇرغۇچى رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئىككى رەھبەر، مەرسىندىكى ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى خىزمەتلىرىنى پىلان بويىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئىپادىلىگەن.

ئەردوغان بىلەن پۇتىن، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى، كۈنتەرتىپلىرىدىكى باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە، 15 – 16 – سېنتەبىر كۈنى چاقىرىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىشقا پۈتۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر