ئەردوغان: ئۇرۇشنىڭ ئۈستەلدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىكى بارلىق مەسىلىنىڭ، مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزىدىغان ئەڭ قىسقا يولنى تېپىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1869796
ئەردوغان: ئۇرۇشنىڭ ئۈستەلدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا بارلىق مەسىلە، مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزىدىغان ئەڭ قىسقا ۋە ئادىل يولنى تېپىش» دېدى ۋە مۇرەسسەچىلىك رول ئويناشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەقەپ تاييىپ ئەردوغان بىر كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئۇكرائىنانىڭ لۋىۋ شەھىرىدە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكي ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «ئىستانبۇلدا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مارت ئېيىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلاردا شەكىللەنگەن ئۆلچەملەرگە ئاساسەن مۇزاكىرەلەرنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاسانلاشتۇرغۇچى ياكى مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تەييارمىز» دېدى.

ئۇ بارلىق مەسىلىلەرنىڭ، مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزىدىغان قىسقا ۋە ئادىل يونى تېپىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دىپلوماتىك مۇساپىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇشنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. يېڭى چېرنوبىل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايمىز.»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتىگە كۈچلۈك قوللاش دەپ باھا بېرىپ: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى، كۈچلۈك دۆلەتتىن كەلگەن كۈچلۈك قوللاش سىگنالىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر