چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە» ماركىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 13 – نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدىكى سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ «تۈركىيە» ماركىسىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1866504
چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە» ماركىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئالاقە جەھەتتە ئىنتايىن ھالقىلىق بىر پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، قايمۇقتۇرۇش ۋە ئۇچۇر بۇلغىنىشىنىڭ ھاياتلىق رېئاللىقى ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكى مەتبۇئاتلارنىمۇ ئىلكىگە ئېلىۋالغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ پات - پاتلا سەلبىي تەشۋىقاتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن تارتىپ تاكى 1915-يىل ۋەقەلىرىگىچە، قاراباغ ئۇرۇشىدىن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە تۆھمەتلەرنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئالاقە بەلكىم دىپلوماتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئۇچۇر - ئالاقە باشقارمىمىز يولغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك رامكا ئىچىدە، مىنىستىرلىقىمىز ۋە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقە خىزمەتلىرى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئۆزلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، ھەمدە تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

«تۈركىيە» ماركىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىزنىڭ نامىنى چەت ئەل تىللىرىدا «تۈركىيە» دەپ ئاتاش تەشەببۇسى مۇھىم بىر قەدەم بولدى. بىز بۇ مەسىلىدە چەت ئەللەردىكى بارلىق ۋاكالەتخانىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر