«فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەشەببۇسى نەتىجىسىدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، تۈنۈگۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىلارنىڭ تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي بازىسىغا تاجاۋۇزچىلىق تەشەببۇسى نەتىجىسىدە، مەۋلۈت يوغۇرتجۇ بىلەن مەرت ئوتالنىڭ يارىلانغانلىقى، ۋەقەدىن كېيىن 2 ئەسكەرنىڭ دەرھال دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئەمما داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھەر ئىككىسىنىڭ شېھىت بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى قاتتىق دەرد – ئەلەمگە تاشلىغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.