شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە-كلىت» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، بىر ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1834152
شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «2022 – يىلى 28 – ماي <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلارنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياساپ ئورۇنلاشتۇرغان بىر پارتلاتقۇچى پارتلاپ، قەھرىمان سەپدىشىمىز سېرژانت ھەسەن چاتال شېھىت بولدى، بىر خادىمىمىز يارىلاندى. يارىلانغان خادىمىمىز دەرھال دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىندى.

بىزنى چوڭقۇر ئازابقا ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتىمىزگە ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلەيمىز، ئۇنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئالىيجاناب خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغان خادىمىمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاكار ۋە جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسلىرى ئارقىلىق شېھىت ئەسكەر ئۈچۈن تەزىيە ئۇچۇرى تارقاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر