ئاقار گىرېتسىيەنى تۈركىيەنىڭ دوستلۇق قولىنى تۇتۇشقا چاقىردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار گىرېتسىيەنى تۈركىيەنىڭ سەمىمىي رەۋىشتە سۇنغان دوستلۇق قولىنى تۇتۇشقا چاقىردى.

1816233
ئاقار گىرېتسىيەنى تۈركىيەنىڭ دوستلۇق قولىنى تۇتۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، «كۆك ۋەتەن» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرىدىن كېيىن، ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان پاراخوتلارنىڭ قوماندانلىرىغا ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق قىلغان خىتابىدا، ھەربىي مانېۋىرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەم ھەربىي مانېۋىرىمىز ھەمدە باشقا پائالىيەتلىرىمىز شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى ھەق – ھوقۇقلىرىمىز ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىمىزنى جان تىكىپ قوغداش ۋە مۇداپىئە قىللالىغۇدەك ئىقتىدار ھەم قەتئىي ئىرادىگە ئىگە.»

تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان ئاقار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىمىز، بىز ھەر دائىم ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەرەپدارىمىز. ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىمىزنىڭ تىنچ يول ۋە چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  بۇ دائىرىدە دىيالوگ ئورنىتىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. قوشنىمىز گىرېتسىيە دىيالوگ مەسىلىسىدە بىرئاز ئاستا قەدەم تاشلاۋاتىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ بىرئاز ئاكتىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مىنىستىر ئاقار، گىرېتسىيە تەرەپنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز تىنچلىق ئۈچۈن ھەمىشە ئاۋۋال قەدەم تاشلايمىز، ھېچكىم بۇنىڭدىن گۇمانلانماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ نىشانىمىز، ئەگە دېڭىزىدىكى بارلىق بايلىقلارنى ئادىللىق بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە ئەگە دېڭىزىنى دوستلۇق دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشتۇر. دەرۋەقە، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز. قوشنىمىز گىرېتسىيەنى بىز سەمىمىي رەۋىشتە سۇنۇۋاتقان دوستلۇق قولىمىزنى تۇتۇشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر