تۈركىيە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ زەربە ئوبېيكتى قىلىنىشىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ زەربە ئوبېيكتى قىلىنىشىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![تۈركىيە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ زەربە ئوبېيكتى قىلىنىشىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9fda/0ec2/8623/5c2f588405563.jpg?time=1719047068)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋغا يېقىن بۇچا ۋە ئىرپىن رايونلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەرنىڭ «قورقۇنچلۇق» ۋە «ئىنسانىيەت ئۈچۈن قايغۇلۇق» بىر مەنزىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «كىيېۋغا يېقىن بۇچا ۋە ئىرپىن قاتارلىق ھەر قايسى رايونلارنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغان قىرغىنچىلىق كۆرۈنۈشلىرى قورقۇنچلۇق بولۇپ ئىنساننى قايغۇغا سالىدۇ» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«بىگۇناھ پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىش قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەسىلە ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، جاۋابكارلارنىڭ ئېنىقلىنىپ جازاغا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى ئاساسلىق ئۈمىدىمىزدۇر» دېيىلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرگە خاتىمە بېرىلىشى ۋە تېزدىن تىنچلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
4-ئاينىڭ 1-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىدىن كىيېۋغا يېقىن بۇچا شەھىرىنى ئازاد قىلغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسى، بىنالىرى ۋەيران قىلىنغان، كوچىلىرى جەسەتلەرگە تولغان شەھەر مەنزىرىسىگە دۇچ كەلگەنىدى. كىيېۋ ئەتراپىدىكى ئازاد قىلىنغان ئولتۇراق رايونىدىن 410 پۇقرانىڭ جەسىتى تېپىلغانىدى.
رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719047069)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.