ئەردوغان ۋۇجىج بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇجىجنىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

1807121
ئەردوغان ۋۇجىج بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇجىجنىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سېربىيەلىك مەنسەپدىشى ئالېكساندىر ۋۇجىج بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇنىڭ سېربىيە پرېزىدېنتلىقىغا قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە سايلام نەتىجىسىنىڭ دوست سېربىيە خەلقىگە پايدىلىق بولۇشىنى تىلىگەن.

ئۇ، ئۇزۇن يىللار بويىچە بىرلىكتە ئورناتقان دوستلۇق ۋە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنىڭ، ۋۇجىجنىڭ يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەزگىلىدە سەمىمىي ھەمكارلىق ئاساسىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 24 - فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ رايونغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئاماللارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، مەسئۇلىيەتچان رەھبەرلەرنىڭ بەرپاچى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقىدەك قىيىن شارائىتتا رايوننى تېخىمۇ مۇقىم ۋە تېخىمۇ بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈشلىرى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر