ساۋاش ئۈنلۈ: 500 مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سۈرىيەگە قايتتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى ساۋاش ئۈنلۈ تۈركىيەدىكى 500 مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سۈرىيەگە قايتقانلىقىنى ئېيتتى.

1802534
ساۋاش ئۈنلۈ: 500 مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سۈرىيەگە قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى ساۋاش ئۈنلۈ قاتارنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2022 – يىللىق دوھا مۇنبىرى يىغىنىدا، «خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ پاناھلانغۇچىلار ئېقىمىنى باشقۇرۇشتىكى رولى: سۈرىيە ۋە ئۇنىڭ سىرتى» تېمىلىق قىسمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ساۋاش ئۈنلۈ «رۇسىيە سۈرىيەدە ئۇرۇشقا ئارىلىشىشتىن ئىلگىرى، تۈركىيە بىۋاسىتە سۈرىيەگە ئارىلىشىپ، پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئالالماسمىدى؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەر بىر پۇرسەتتە سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، لېكىن ئەينى چاغدىكى دۇنيانىڭ بۇنى قوللىمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەمما تۈركىيە ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۇ بىخەتەر رايۇننى قۇردى ۋە بۇ قۇرۇلغان بىخەتەر رايونغا  500 مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىپ كەلدى» دېدى.

ساۋاش ئۈنلۈ تۈركىيەنىڭ ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتىگە ئىگە 3 مىليون 700 مىڭ سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭغا قوشۇمچە، تۈركىيەدە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 300 مىڭ ئەتراپىدا شەرتلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر