چاۋۇشئوغلۇ قىرىم تاتارلىرى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى ئۇكرائىنانىڭ لۋىۋ شەھىرىگە جايلاشقان قىرىم تاتارلىرى ھەمكارلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

1797613
چاۋۇشئوغلۇ قىرىم تاتارلىرى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۋىۋ شەھىرىدە ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان چاۋۇشئوغلۇ، كېيىنچە قىرىم تاتارلىرى ھەمكارلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، لۋىۋ شەھىرىدىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە قىرىم تاتارلىرى مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، مەركەزنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەنلىكلىرىنى، نىشانلىرىنىڭ، قېرىنداش قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئېھتىياجى بار – يوقلۇقىنى ئۇقۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، زىيارىتىدىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «لۋىۋ شەھىرىدىكى قىرىم تاتارلىرى ھەمكارلىق مەركىزىدە تاتار قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولدۇق، تاتار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن ياردەملىرىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر