ئۇكرائىنادىن تۈنۈگۈن ە 181 تۈركىيە پۇقراسى تارقاقلاشتۇرۇلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن كىيېۋ، لۋىۋ، چېرنىگىۋ، ئودېسسا ۋە نىكولايېۋدىن 181 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ يولغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.
1796374
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ «تارقاقلاشتۇرۇلغان پۇقرالىزىمىزنىڭ سانى 1524 كە يەتتى. يولۇڭلار ئوچۇق بولسۇن» دېدى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن 19 كىشىگە چېگرادىن ئۆتۈش ياردىمى بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىدى. ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 4952 كىشىگە چېگرادىن ئۆتۈش ياردىمى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.