ئۇكرائىنادىن تارقاقلاشتۇرۇلغان تۈركلەر سانى 14 مىڭدىن ئاشتى

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن يەنە تۈركىيە پۇقراسى 172 كىشى ئۇكرائىنادىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1795736
ئۇكرائىنادىن تارقاقلاشتۇرۇلغان تۈركلەر سانى 14 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، يەنە 172 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ كىيېۋ، لۋىۋ، چېرنىۋىتسى، خاركىۋ، پولتوۋا، بىلا تسېركۋا ۋە كونوتوپتىن يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

تارقاقلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر گىرافىكنىمۇ ھەمبەھرىلىگەن چاۋۇشئوغلۇ  بىلا سېركۋا، لۋىۋ ۋە چېرنىۋتسىيدىن پويىز بىلەن 130 كىشىنىڭ، ئاپتوبۇس ۋە مىنىبۇسلار بىلەن خاركىۋ، پولتوۋا ۋە كونوتوپتىن 42 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تارقاقلاشتۇرغان پۇقرالىرىمىزنىڭ سانى 14824 كە يەتتى» دېدى.

تۈنۈگۈن 63 كىشىگە چېگرادىن ئۆتۈش ياردىمى بەرگەنلىكلىرىنى تىلغا ئالغان چاۋۇشئوغلۇ، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 4933 كىشىگە چېگرادىن ئۆتۈش ياردىمى بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر