ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گۈلەر ناتو گېنېرالى لاۋىگنې بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەر، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىتتىپاقداشلىق ئىشلىرى قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك فىلىپپې لاۋىگنې بىلەن كۆرۈشتى.

1795690
ئارمىيە باش ئىشتاب  باشلىقى گۈلەر ناتو گېنېرالى لاۋىگنې بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەگەن كەلگەن ناتو قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك لاۋىگنې ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدا ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋېلىندى.

مۇراسىمدىن كېيىن گېنېرال – پولكوۋنىك گۈلەر بىلەن گېنېرال – پولكوۋنىك لاۋىگنېنىڭ باش قوماندانلىق ئىشتابىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ناتو دائىرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن رايون ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر