قالىن ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان بىلەن كۆرۈشتى.

1790142
قالىن ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، ئىستانبۇلدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دولماباھچە ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش، رايون مەسىلىلىرى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ يېڭى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن ۋە بۇ مەسىلىنىڭ چوڭقۇر ئەندىشە ياراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەگەر ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە، تەسىرىنىڭ پۈتكۈل رايون ۋە دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئورتاق تىرىشچانلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى ۋە سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

يىغىن جەريانىدا، سۈرىيە، لىۋىيە ۋە ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش، تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى قاتارلىقلار توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزمنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر