ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمەن (Wendy Sherman) رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن 4-11-مارت كۈنلىرى ئارىسىدا تۈركىيە، ئىسپانىيە، ماراكەش، ئالجىرىيە ۋە مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ.

1789581
ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمەننىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، شېرمەن ئىستانبۇل ۋە پايتەخت ئەنقەرەدىن كېيىن، مادرىد، رابات، كاسابلانكا، ئالجىرىيە ۋە قاھىرەنى زىيارەت قىلىدىكەن.

شېرمەننىڭ زىيارەتلىرىنىڭ 4-11-مارت ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«شېرمەن پۇتىننىڭ قەستەن، سەۋەبسىز ۋە ئادالەتسىز ھالدا ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلشىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە، تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال ۋە باشقا مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن 4-5-مارت كۈنلىرى، زىيارىتىنى ئىستانبۇل بىلەن ئەنقەرەدىن باشلايدۇ. كۆرۈشۈشلەردە، ئامېرىكا-تۈركىيە ھەمكارلىقى ۋە ئۇكرائىنانى قوللاش مەسىلىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر