ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسى بېزنىكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1786736
ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئاقار، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونىدا تىنچلىق ئورنىتىلىشى يولىدا داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسى بېزنىكوۋ بولسا، تۈركىيەنىڭ ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ھەم تىنچلىق ئورنىتىلىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن، ئاقارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

رۇسىيە قىسىملىرى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر