ئەردوغان زېلېنىسكىي بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفونلاشتى.

1786084
ئەردوغان زېلېنىسكىي بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفونلىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلىدى.

ئەردوغان، ئۇكرائىنانىڭ تېخىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر