ئەردوغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە غەربنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە غەربچى ئىدىيەلەرنىڭ قەتئىي مەيدانىنى نامايان قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1785457
ئەردوغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە غەربنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ بۈگۈنگىچە تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى ئوچۇق شەكىلدە ناتونىڭ مەيدانى بىلەن ئوخشاش بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئادەتتىكى ئەيىبلەش باياناتى بىلەن بولدى قىلماسلىق كېرەك. ناتو تېخىمۇ قەتئىي ھالدا قەدەم تاشلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:

«ناھايىتى ئەپسۇسكى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە غەربپەرەس ئىدىيەسى بولغان بارلىق تەرەپلەر قەتئىي مەيدانىنى نامايان قىلمىدى. ئۇكرائىناغا قىلغان نەسىھەتلىرى ناھايىتى مول، ئەمما ئەمەلىيەتتە ھېچنىمە يوق. بۈگۈنكى ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا قانداق قەدەم تاشلىنىشى كېرەكلىكى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۈگۈنگىچە نەسىھەتلىرى مول بولغان غەرب، ئوخشاش ئىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.»

ئۇ ئۇكرائىنادىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ھاۋا تىرانسىپورتىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى، شۇڭا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق يولىدىن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئەلچىخانىلىرىمىز ۋە كونسۇلخانىلىرىمىز ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر