تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 268 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 268 كىشىىگە يەتتى.

1782668
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 268 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  461 مىڭ 513 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 85 مىڭ 26 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 94 مىڭ 402 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 144 مىليون 999 مىڭ 620 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر