ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى كارانتىناغا ئېلىش تىزىملىكىدىن چىقاردى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئەبۇزەبىگە كىرگەندە كارانتىناغا ئېلىش تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىدى.

1779417
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى كارانتىناغا ئېلىش تىزىملىكىدىن چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئەبۇزەبىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە يولغا قويغان ساياھەت تىزىملىكىنى يېڭىلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، <ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەتلەرنىڭ ئەبۇزەبىگە قىلغان ساياھەتلەردە كارانتىناغا ئېلىنىش بەلگىلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تۈكىيەنىڭ يېشىل تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى>  دېيىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەدىن ئەبۇزەبىگە بارىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇشتىن 48 سائەت بۇرۇن پاسسىپ PCR سىنىقى قىلدۇرغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئەبۇزەبىگە بارغاندا قايتىدىن PCR سىنىقى قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

تۈركىيەدىن ئەبۇزەبىگە بارىدىغان يولۇچىلار ئىچىدە  2 قېتىم كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ بولغانلارنىڭ 6-كۈنى شۇنداقلا 2 قېتىملىق ۋاكسىناسى تاماملانمىغانلارنىڭ بولسا،  6 - ۋە 9-كۈنلىرى PCR تەكشۈرۈشى قىلدۈرۇشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دائىرىلىرى 3-يانۋاردا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى يېشىل تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى.

بۇ قارار بىلەن كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنى تاماملىمىغانلارنىڭ 10 كۈنلۈك كارانتىناغا  ئېلىنىشى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر