ئىبراھىم قالىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، كوۋىد-19 ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1774992
ئىبراھىم قالىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئەھۋالى تۈنۈگۈن، ئۆلۈشكۈنگە قارىغاندا خېلىلا ياخشى، دوختۇرلار، ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ» دېدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو نىڭ تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان باياناتچى قالىن، تۈركىيەنىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە بىلەن كۆرۈشەلەيدىغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى كۆرۈشتۈرۈش تەكلىپىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قالىن ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىجابىي قەدەم تاشلاشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى يىتزاق ھېرزوگنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈنمۇ، پەلەستىن ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئىبراھىم قالىن،  رايوندىكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم ياشايدىغان سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىن يېڭى كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر