ئەردوغان بۈگۈن ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر پەيتتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن ئۇكرائىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1772621
ئەردوغان بۈگۈن ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى جەريانىدا قارادېڭىز رايونىدىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈشنىڭ يوللىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پايتەخت كىيېۋدا چاقىرىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، يېڭى ھەمكارلىق قەدەملىرىنىڭ تاشلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىشىشى كۈتۈلمەكتە.

زىيارەت دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى پىلانلىنىۋاتقان بولسىمۇ، زىيارەتنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى رۇسىيە - ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكى تەشكىل قىلىدۇ. ئەردوغان بىلەن زېلېنسكىي موسكۋا - كىيېۋ لىنىيەسىدىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى تاشلاش كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زېلېنسكىينى «رايوننىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، جىددىيلىكنى كۈچەيتمەسلىك ۋە قىزىق توقۇنۇشتىن ساقلىنىش» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئەردوغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىرىزىسنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇۋاتقان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننى تۈركىيەدە كۈتۈۋالىدۇ ۋە تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇتىنغىمۇ ئوخشاش ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر