مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن بەھرەيىنگە زىيارەتكە بارىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن تەكلىپكە بىنائەن بەھرەيىنگە زىيارەتكە بارىدۇ.

1770321
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن بەھرەيىنگە زىيارەتكە بارىدۇ

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بەھرەيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاتىف بىن راشىد ئەل زايانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 30-31-يانۋار كۈنلىرى بەھرەيىندە زىيارەتتە بولىدۇ.

زىيارەت دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر شۇنداقلا بەھرەيىن بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر