ئەردوغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن يۇقۇمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كوۋىد —19 دىن يۇقۇملىنىش، دوختۇرخانىدا يېتىش، مەركەزلىك كۆزىتىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ كونترول قىلغىلى بولىدىغان سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1731172
ئەردوغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن يۇقۇمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى؛ تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرىشىنى دۇنيادىكى تەرەققىياتلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىش ئارقىلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئىككىنچى يىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يېقىنلاشقان يۇقۇمنىڭ يېڭى دولقۇن ۋە يېڭى ۋارىيانتلار ھالىتىدە دەسلەپكى پەرەزلەردىن ئېشىپ، ئىنسانىيەتكە داۋاملىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەللەرنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلات ئۇل ئەسلىھەلىرىگە بارغانسېرى كۆپ بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتىدە ھەر قانداق كىرىزىسقا قەتئىي يول قويمىغانلىقلىرىنى ۋە يول قويمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس، تۈركىيەدە يۇقۇملىنىش، دوختۇرخانىدا يېتىش، مەركەزلىك كۆزىتىش ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ كونترول قىلغىلى بولىدىغان سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر