چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1693386
چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھەر ئىككى مىنىستىرنىڭ ئافغانىستاندا مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن رايون ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تەرتىپ – ئىنتىزامنى بىرلىكتە كۈچكە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

2021-يىلى 15-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى پايتەخت كابۇلنى قورشىۋالغان تالىبانلار، پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنىنىڭ قېچىشى ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ پايتەختتىن چىقىپ كېتىشىدىن كېيىن، شەھەرنى توقۇنۇشسىزلا تولۇق قولغا كىرگۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر