تۈركىيە تىگرايدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىگرايدا 28 – ئىيۇندا ئېلان قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1669062
تۈركىيە تىگرايدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى زوراۋانلىققا تېزدىن خاتىمە بېرىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ رايونغا ئۈزۈل - كېسىل يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ئېلان قىلغان ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا نۆۋەتتىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلانغان توغرا قەدەم دەپ باھا بېرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ، تارىخىي مۇناسىۋىتى بولغان ئېفىيوپىيەنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى، 28 - ئىيۇن تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان تىگراي رايونىدا بىر تەرەپلىمە ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى

باياناتتا، بۇ قارارنىڭ تىگرايدىكى دېھقانلارنىڭ ھوسۇل پەسلى (6-ئاي ، 7-ئاي ، 8-ئاي) دىن پايدىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن رايوندا ياردەم بېرىش قىسىملىرىنىڭ قورالسىز خىزمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەنىدى.

باياناتتا، رايوندا تارقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ پات – پاتلا ۋەقە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر