تۈركىيە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى
ئەنقەرە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى بەزى ۋىلايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خەرىتە چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىسى بېسىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
1598717
![تۈركىيە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/74d1/503a/2929/5d1c4eddd0730.jpg?time=1718969143)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كاتولىكلارنىڭ رۇھانى لىدىرى پاپا فرانسىسكۇنىڭ ئىراق زىيارىتى مۇناسىۋىتى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشى پىلانلانغان خاتىرە پوچتا ماركىلىرى ئارىسىدا تۈركىيەدىكى بەزى ۋىلايەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە بىر خەرىتە چۈشۈرۈلگەن بىر پوچتا ماركىسىنىڭمۇ بارلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «بەزى ھەددىنى بىلمەيدىغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى بۇ زىيارەتنى ئىراقنىڭ قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزۈش خامخىياللىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
بۇ خىل يوشۇرۇن نىيەتلەرنىڭ قانچىلىك زىيان بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى ھەممىدىن ياخشى خاتىرىلەيدۇ.
ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى دائىرىلىرىدىن بۇ قورقۇنچ خاتالىققا دەرھال تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن تېگىشلىك باياناتىنى كېچىكتۈرمەستىن روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718969143)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.