چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قىبرىستا ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى كۈچكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1561391
چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى كۈچكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

گىرېتسىيەنى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان چاۋۇشئوغلۇ، «يانۋار ئىچىدە تۇنجى يىغىننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن گىرېتسىيەنى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىگە تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرتۇغرۇلئوغلۇمۇ: «(قىبرىس مەسىلىسىدە) جەمئىيەتلەر ئارا مۇزاكىرە مۇساپىسى ئاخىرلاشتى. فېدېراتسىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر