تۈركىيە دوھا بىلەن رىيادنىڭ ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا چېگرالىرىنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1557489
تۈركىيە دوھا بىلەن رىيادنىڭ ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا چېگرالىرىنى ئېچىش توغرىسىدىكى كېلىشىمىگە يۇقىرى باھا بېرىمىز» دېدى.

بۇ ئىلگىرىلەشنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى  2017- يىلى 6- ئايدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىختىلاپنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەمنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «كۇۋەيت قاتارلىق مۇرەسسەلەشتۈرۈش ۋە قولايلىق يارىتىش خىزمەتلىرى ئارقىلىق مەزكۇر قارارنىڭ چىقىرىلىشىغا تۆھپە قوشقان خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ تىرىشچانلىقى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بىز بۇ ئىختىلاپنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئومۇميۈزلۈك ۋە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىنىشىنى، شۇنداقلا قاتار خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باشقا جازالارنىڭمۇ تېزدىن بىكار قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولغان ۋە پارس قولتۇقى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلىتىمىز بۇ يۆنىلىشتىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى داۋاملىق قوللايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ناسىر مۇھەممەد ئەسساباھ بۈگۈن ئەتىگەن بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قاتارنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا چېگراسىنى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر