تۈركىيەدە بۈگۈن 253 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 253 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1554214
تۈركىيەدە بۈگۈن 253 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 253 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 20 مىڭ 388 گە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 183 مىڭ 117  كىشىنىڭ 2 مىڭ 783 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 15 مىڭ 805 كە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 21 مىڭ 4 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 58 مىڭ 437 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر