تۈركىيەدە بۈگۈن 254 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 254 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1549379
تۈركىيەدە بۈگۈن 254 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 254 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 18 مىڭ 351 گە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 196 مىڭ 110 كىشىنىڭ3  مىڭ 412 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 19 مىڭ 103 كە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 35 مىڭ 419 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 835 مىڭ 705 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر