ئەردوغان قازىمىنى قوبۇل قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمىنى پايتەخت ئەنقەرەدە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالىدۇ.
![ئەردوغان قازىمىنى قوبۇل قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/db46/3ad8/2ee9/5f9f9634101e5.jpg?time=1719080079)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازىمىنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بارلىق ساھەلەردە مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىشى كتۈلۈۋاتقان زىيارەتتە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇدىيىتى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى، قازىمىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى قانۇنسىز پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى نىشان قىلىنغان «سىنجار كېلىشىمى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشى توغرىلىقمۇ ئەنقەرەگە يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
زىيارەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجمىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ۋە تۈرك شىركەتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋەيران قىلغان رايونلارنى قايتا قۇرۇپ چىقىش دائىرىسىدە ئىراقتىكى سېلىنما لايىھەلىرى مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىشىنى كۈتۈلمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەنقەرەگە قىلغان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719080080)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.