ئىسمائىل دەمىر: ئامېرىكانىڭ جازاسى مېنىڭ ۋە سەپداشلىرىمنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر «ئامېرىكانىڭ جازا قارارى مېنىڭ ۋە سەپداشلىرىمنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدۇ ، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىگە ھەر قانداق شەكىلدە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېدى.

1545710
ئىسمائىل دەمىر: ئامېرىكانىڭ جازاسى مېنىڭ ۋە سەپداشلىرىمنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، ئامېرىكانىڭ جازا يۈرگۈزۈش قارارىدىن كېيىن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

«جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتۈنلەي مۇستەقىل مۇداپىئە سانائىتىگە ئىگە بولۇشقا بەل باغلىدۇق» دېگەن دەمىر، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «چەت ئەلدە مەن ياكى ئىدارىمىز توغرىسىدا چىقىرىلغان ھەر قانداق بىر قارار، مېنىڭ ۋە سەپداشلىرىمنىڭ مەيدانىغا ئۆزگەرتمەيدۇ؛ تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىگە ھەر قانداق شەكىلدە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا رۇسىيەدىن س- 400 ھاۋا مۇداپىئە قالغان سىستېمىسى سېتىۋالغانلىقىنى باھانە قىلىپ تۈركىيەگە بىر قاتار ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، جازا قارارى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر